08/18/2026
كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا تەھدىت سالماقتا
كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) يەكشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن (شەرقىي تۈركىستان)نى زىيارەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە پۇقراسى ئۇيغۇرلارنى سوراققا تارتىپ، ئۇلاردىن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرۈۋاتقان زىيانلىرىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي سەھىپىلەردە كەڭ تارقىلىپ دىققەت قوزغىدى. 7-ئاۋغۇست كۈنى كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆز دوكلاتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى خىتاي ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلەرگە ئەۋەتىپ پىكىر بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن.ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 14-ئاۋغۇست كۈنى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەكىلدىكى چەت ئەل دەخلى-تەرۇز مەسىلىلىرىنى جىددىي قوبۇل قىلىدۇ. ھەرقانداق چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرىنى شەخسلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقىنلىق قىلىدىغان شەكىلدە نىشانلىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.»
بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى فىلىپ بۆلوپىئون (Philippe Bolopion)نىڭ ئاۋسترالىيەگە قىلغان زىيارىتى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان پائالىيەتچىلەرنى نىشان قىلىش ئارقىلىق، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا قارشى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش — بىر دۆلەتنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرى – دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى زىيارەت قىلغۇچى ئۇيغۇرلاردىن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، تەشكىلاتلىرى ۋە تىل مەكتەپلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، ئۇيۇشۇش، مەدەنىيەت ۋە ئائىلە تۇرمۇش ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلماقتا.»
خەۋەرنىڭ داۋامىنى ئۇيغۇر پوچتىسدىن ئوقۇڭ:
كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) يەكشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن (شەرقىي تۈركىستان)نى زىيارەت قىلىۋاتقان