Yurtum Uygur /يۇرتۇم ئۇيغۇر

  • Home
  • Yurtum Uygur /يۇرتۇم ئۇيغۇر

Yurtum Uygur /يۇرتۇم ئۇيغۇر Contact information, map and directions, contact form, opening hours, services, ratings, photos, videos and announcements from Yurtum Uygur /يۇرتۇم ئۇيغۇر, Media, .

12/07/2024
‫ئى ئاللاھىم! مىنى، ئاتا-ئانامنى، ئائىلەمنى ۋە ھەممە ئۇرۇق -تۇققان، دوست -يارەنلىرىمنى ھەر قانداق بىر پىشكەللىككە دۇچار ...
11/06/2024

‫ئى ئاللاھىم! مىنى، ئاتا-ئانامنى، ئائىلەمنى ۋە ھەممە ئۇرۇق -تۇققان، دوست -يارەنلىرىمنى ھەر قانداق بىر پىشكەللىككە دۇچار قىلمىغىن ، بەخت-سائادىتىمىزنى مەخلۇقنىڭ ئىلكىگە قويمىغىن ، قەلبىمىزدىكى قايغۇ -ھەسرەتنى خوشال-خۇراملىققا ئايلاندۇرۇن بەرگىن! ‬

22/05/2024

باقما ئوغلۇم ، باقما ئوغلۇم راھەتكە باقما ، ئۆزلىكىدىن نىسىپ بولغان ئامەتكە باقما.
ئەدەپ ئەخلاق باغچىسىدا ئېچىلغان گۈل بولۇپ ،
ئىچىڭ پاكىزى بولسۇن تاشقى قامەتكە باقما.

21/05/2024

مەن مەكتەپتە ئۈچ بۇلۇڭ ، تۆت بۇلۇڭ ، تىك بۇلۇڭ دەپ ئۆگەنگەندەك قىلغان، بايام بىرسىنىڭ يەنە بىرسىگە بەختلىك بۇلۇڭ دىگىنى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى، ئەمدى بۇ قانداق بۇلۇڭ بولغۇيتتى؟ 😁😁

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا ، گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا. ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ ...
21/05/2024

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا ،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك تۇرۇپ،
ئەرلە بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا

09/05/2024

‫قەلبىدە ئۈمىتسىزلىك بولمىغان كىشى ھۆددەس مەغلۇب بومايتۇ‬

09/05/2024

پۇل تاپقاندا ئاغىنەم تۇلا ،
يامان كۈندە قېنى يوق ئۇلا .
يولىمىزغا مېڭىپ بولدىلا ،
ئاغرىنمايلى ئاغىنە دوستلا .

06/05/2024

ھەيرانمەن (مۇخەممەس)

ئەي ئۇيغۇرۇم غەپلەتكە پاتقىنىڭغا ھەيرانمەن.
بىخۇد بولۇپ ئۇيقۇدا ياتقىنىڭغا ھەيرانمەن .
ئىمانىڭنى دۇنياغا ساتقىنىڭغا ھەيرانمەن .
پەرزەنتىڭنى زۇلمەتكە ئاتقىنىڭغا ھەيرانمەن.
ياۋرۇپانى چوڭ بىلىپ چاپقىنىڭغا ھەيرانمەن.

ئايرىلغانتىڭ ۋەتەندىن ساقلايمان دەپ دىنىڭنى.
سەرپ قىلىپ شۇ يولدا مېلىڭ بىلەن جېنىڭنى .
قۇربان قىلىپ ئاتاڭ ھەم ئاكاڭ بىلەن ئىنىڭنى...
جاپا چەكتىڭ، تەر تۆكتۈڭ، تۆكتۈڭ ئىسسىق قېنىڭنى.
ئەمدىلىكتە شۇ يولدىن قايغىنىڭغا ھەيرانمەن.

مۇسۇلمان قىپ تەربىيلەپ ئۆستۈرمەكچۈن بالاڭنى،
تاشلاپ چىقتىڭ مېھرىبان پەرىشتىدەك ئاناڭنى .
ياش ئاققۇزۇپ ھەتتاكى شۇنچە بەردەم داداڭنى.
بەلكىم ئۇلار شېھىتتۇر... كۆرەلمەستىن قاراڭنى .
راھەت ئۈچۈن غايەڭدىن تانغىنىڭغا ھەيرانمەن .

ئۇزۇن كېيىم، ھىجابنى كىيەلمىدىڭ، بولدۇڭ زار.
ساقىلىڭنى قويالماي ئەركەكلىكىڭ بولدى خار .
ۋۇجۇدۇڭنى ئۆرتىدى كېچە-كۈندۈز نومۇس- ئار.
چىدالماستىن خارلىققا ھىجرەت قىلدىڭ سېلىپ جار.
ئۇلۇغ ھىجرەت يولىدىن يانغىنىڭغا ھەيرانمەن.

چىقالمىدىڭ ئۆيۈڭدىن رۇخسىتىڭ يوق قولۇڭدا .
ھەر قەدەمدە بىر قاپقان ماڭالمىدىڭ يولۇڭدا،
بىسمىللاھ دەپ نىكاھنى قىلالمىدىڭ تويۇڭدا.
چۈشۈڭدىكى ھۆرلۈككە ئېرىشكەندە ئوڭۇڭدا...
ھالاكەتكە ئۆزۈڭنى ئاتقنىڭغا ھەيرانمەن .

مۇسۇلماننىڭ يۇرتىدا ھالال يەيسەن كۆڭلۈڭ توق.
گەر تارتساڭمۇ كۆپ جاپا يانچۇقۇڭدا پۇلۇڭ يوق.
ياۋرۇپاغا بارساڭ گەر يەيسەن بەلكىم نىجىس پوق.
كاپىر ساڭا قەھرېدىن ئاتار چوقۇم زەھەر ئوق .
مۇسۇلماندىن ئۇيغۇردىن تازغىنىڭغا ھەيرانمەن .

كۈنلەر ئۆتۈپ، ئاي ئۆتۈپ تۇمان ياپار كۆزۈڭنى.
ئانا تىلنى ئۇنتۇيسەن، دېيەلمەيسەن سۆزۈڭنى .
نۇرلار ئۆچۈپ قەلبىڭدىن زۇلمەت باسار يۈزۈڭنى.
كېملىكىڭنى ئۇنتۇيسەن تاپالمايسەن ئۆزۈڭنى .
ئانا تىلدىن، ئەسلىڭدىن تانغىنىڭغا ھەيرانمەن .

ئاتاڭ ئالغان ۋەدىگە قىلمىساڭ گەر سەن ۋاپا ،
ئوغلۇڭ ساڭا كەلگۈسى چوقۇم سالار دەرد-جاپا.
ئەخلاق-ھايا ئۈگەنمەي قىزىڭ قىلار ھەم خاپا.
پۇشايماندا ئۆزۈڭگە قىپ كىتەرسەن كۆپ تاپا.
نادامەتلىك ھاياتقا ماڭغىنىڭغا ھەيرانمەن .

كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا كۆچۈش ئەسلا ھەق ئەمەس.
گەرچە جاپا چەكسەڭمۇ ھەر كۈنلۈكى، ھەر نەپەس.
كاپىر بەرگەن داچىدىن مىڭ ياخشىدۇر تار قەپەس.
باھانىلەر كۆپ سەندە، بەلكىم ئازغۇن بىر ھەۋەس.
ھەقىقەتنى باتىلغا قاتقىنىڭغا ھەيرانمەن .

_ ئىسمائىل ئىبراھىم
2021 - يىلى 26 - سىنتەبىر

03/05/2024

سەن كىم؟
ئېغىر كۈنلەر قەددىنى پۈككەن ، لېكىن سەبرى تىرىشىش بىلەن .
يىقىلسا تۇرۇپ ، نىشانغا قاراپ،
يولىغا ماڭغان ئادەم ئوغلى مەن.

02/05/2024

قىيىنچىلىق، توكوجى بوغداي بىلەن ساماننى ئايرىغانغا ئوخشاش ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئايرىم ئايرىم كورسىتىپ بىرىدۇ!

30/04/2024

‫بەزى كىشىلەر بىلەن مۇڭدىشىش ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشسىڭىز بەزى كىشىلەر بىلەن سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشسىز ! ‬

Address


Website

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Yurtum Uygur /يۇرتۇم ئۇيغۇر posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Business

Send a message to Yurtum Uygur /يۇرتۇم ئۇيغۇر:

Shortcuts

  • Address
  • Alerts
  • Contact The Business
  • Claim ownership or report listing
  • Want your business to be the top-listed Media Company?

Share