ئەۋلاد نەشرىياتى/ Ewlat Neshriyat

ئەۋلاد نەشرىياتى/ Ewlat Neshriyat ئــەۋلاد نەشــرىياتى 2019 - يىلــى 4 - ئايــدا قۇرۇلغان

30/10/2025
يېڭى كىتاب ئۇچۇرىئەۋلاد كىتاب بازىرى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ.ۋاتىسئاپ: https://api.whatsapp.com/send?phone=905530707350&tex...
22/10/2025

يېڭى كىتاب ئۇچۇرى

ئەۋلاد كىتاب بازىرى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ.
ۋاتىسئاپ:
https://api.whatsapp.com/send?phone=905530707350&text

سالام كىتابخان!

ھېكمەت ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەرىپىدىن تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىسلام تارىخى» ناملىق ئىككى توملۇق ئەسەر نەشردىن چىقتى.
مەزكۇر ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىدىن باشلىنىپ، 2005- يىلى ئىيۇلغىچە يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنىڭ تولۇق ۋە ئىخچام خاتىرىسى.

ئەۋلاد كىتاب بازىرى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ.
ۋاتىسئاپ:
https://api.whatsapp.com/send?phone=905530707350&text

تارىخ ئۈممەتنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇ شەخسنىڭ خاتىرىسىگە تامامەن ئوخشايدۇ. ئۈممەت تارىخ ئارقىلىق ئۆتمۈشىنى چۈشىنىدۇ، ھازىرىنى ئىزاھلايدۇ ۋە كەلگۈسىگە يول خەرىتىسى سىزىدۇ.
خاتىرىسىنى يوقاتقان ئىنسان بوۋاققا ئوخشاش ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئاڭقىرالمايدۇ. ئۆزىنى چۈشىنىش، بۈگۈنىنى ھېس قىلىش، ئەتىسىنى پەرەز قىلىشتىن ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك، تارىخىنى يوقاتقان، ئەقلى بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان مىللەتمۇ يولىدىن ئازىدۇ، باشقىلارغا تىزگىنىنى تۇتقۇزۇپ، يول كۆرسىتىشىگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
تارىخ ئەمەلىيەتتە ئۆتمۈشنىڭ بىلىمى بولماستىن، ھازىرنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ بىلىمدۇر. ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىغان ئۈممەت تارىخ ئېڭى ئارقىلىق ئۆتمۈشىنى چۈشىنىپ، ھازىرىنى ئىزاھلىيالىغان ۋە كەلگۈسىگە يول خەرىتىسى سىزالىغان ئۈممەتتۇر.
-دوكتور ئابدۇلئەزىم مەھمۇد دىيب

تارىخ مۇسۇلماننىڭ نەزەر-دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، مەشھۇر شەخسلەر، مىللەتلەر ۋە ئۇلار بېشدىن كەچۈرگەن بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان پەم – پاراسىتى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ ھېچكىمگە يانباسماستىن ۋە ئۇۋال قىلماستىن ھەر قايسى جەمئىيەتلەردە قانداق رول ئۆتەيدىغانلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىپ، قانداق چېكىنىدىغانلىقىنى، دۆلەتلەرنىڭ قانداق قۇرۇلۇپ، قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، دەۋالارنىڭ قانداق غەلىبە قازىنىپ، قانداق مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، ھازارەتلەرنىڭ قانداق ياشناپ، قانداق مۇنقەرز بولىدىغانلىقىنى، داھىيلارنىڭ قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، قانداق مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ قانداق ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قانداق ئويغىنىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلالايدۇ.
تارىخ كۆپ ھاللاردا كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەمدە بولىدۇ، سەۋەب ۋە شارائىتلار ئوخشاش بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ خۇددى ئەرەبلەرنىڭ: "تۈنۈگۈن ئۆلۈشكۈنگە نېمانچە ئوخشىغان" دېگەن سۆزى ۋە غەربلىكلەرنىڭ: "تارىخ تەكرارلىنىدۇ" دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ.
-دوكتور يۇسۇف قەرداۋى

تارىخ نوقۇل قىسسەلەرلا سۆزلىنىدىغان، ۋەقە ۋە ھادىسىلەر خاتىرىلەپلا قويۇلىدىغان پەن ئەمەس. تارىخ ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئىبرەت ئېلىش ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتۇر: «ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن». يەر شارىدىكى ھەر قانداق مىللەت تارىخ دەرسىنى ئۆزىنى تەربىيەلەش دەرسلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراپ، ئۆز ھاياتىدا تەربىيەۋى رولىنى جارىي قىلدۇرالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ... بۇنداق دېيىشىمىزدىكى مەقسەت، مەلۇم ھادىسىلەرنى پارلىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كەمچىلىك ۋە يوچۇقلىرىغا كۆز يۇمۇش، ئۇلۇغلار ۋە قەھرىمانلارنىلا گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىسلام تارىخىنى بۇرمىلاش ئەمەس، تارىخ تەتقىقاتىدىن مەقسەت بۇ تېخىمۇ ئەمەس. بۇنىڭدىكى مەقسەت − تارىخ تەتقىقاتىدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىپ، ئۈممەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە چېكىنىشىنىڭ، يۈكسىلىشى ۋە يىمىرىلىشىنىڭ ئۆزگەرمەس رەببانىي قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنىدىغانلىقى، بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ مەلۇم خەلق ياكى شەخسكە يان بېسىپ، نىشانىدىن ئاداشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتۇر.
-مۇھەممەد قۇتۇب

پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئالاھىدە تەۋسيە قىلغان ۋە كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن مۇھىم يۈرۈشلۈك: ب...
20/10/2025

پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئالاھىدە تەۋسيە قىلغان ۋە كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن مۇھىم يۈرۈشلۈك: بالىڭىزنى ئويۇن ئارقىلىق تەربىيەلەڭ

تىل تەربىيەسى، ئىقتىدار تەربىيەسى، ماتېماتىكا
تەربىيەسى، ساپا-خاراكتېر تەربىيەسى، ئادەت تەربىيەسى ۋە پەزىلەت تەربىيەسى قاتارلىق تېمىلاردا مول - مەزمۇنلۇك ئەمەلىي قوللىنىشچان مىساللار ۋە يېڭىچە مېتودلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ۋاتسئاپ ئارقىلىق سېتىۋېلىڭ
+90 553 070 73 50
https://api.whatsapp.com/send?phone=905530707350&text
ئەۋلاد كىتاب بازىرىدىن سېتىۋېلىڭ!www.ewlatkitap.com

كىتاب ھەققىدە:

ئانا تەربىيەسى بالا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بالا تەربىيەلەشكە ماھىر ئانىلىرى بولغان. شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسىنى ئانىسىنى تەربىيەلەشتىن باشلىدىم.
بالا تەربىيەلەشتە، بالىنى چوقۇم قىزىقتۇرۇش كېرەك. بالا قىزىقسا، ئاندىن تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ھالبۇكى بالىنى قىزىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەربىيەنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇش.
تالانتلىق ئادەملەرنىڭ ئاساسى بالا مەزگىلىدە تۇرغۇزۇلىدۇ. شۇڭا بالىنى بالدۇر تەربىيەلەش كېرەك، قانچە بالدۇر تەربىيەلىسە، ئۈنۈمى شۇنچە روشەن بولىدۇ.
بالا تەربىيەلەشتە يېتەرلىك سەۋر - تاقەت ۋە ئەقىل–- پاراسەت بولۇشى كېرەك.
ھېكايە سۆزلەش بالا تەربىيەلەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بالىغا ھېكايە سۆزلەپلا قالماي، يەنە بالىنىمۇ سۆزلەتكۈزۈش كېرەك.
ئويۇن بالىنى قىزىقتۇرالايدۇ، ئەگەر ئويۇن ئەقىل ۋە چوڭقۇر مەنىگە تويۇنسا، بالا ئويۇن ئويناپ، تالانت ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.
ھەممە ئادەمدە تۇغما ئىقتىدار بولىدۇ، ئەگەر بالا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدار ئەڭ چوڭ دەرىجىدە قېزىلسا ئۇنداقتا ئۇ «تالانت ئېگىسى»گە ئايلىنىدۇ. بولمىسا ئادەتتىكى ئادەم بولىدۇ. ھەربىر يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ ئاچىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولىدۇ، ئۇ بولسمۇ سەگۈر مەزگىلى.
بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتكە ۋە ياخشى خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق بولۇشتىنمۇ مۇھىم.

ئەۋلاد نەشرىياتىدىن بۇ ئايلىق ئالاھىدە ئېتىبار باھالىق پائالىيەت: ئۈچ قىسىمنىڭ ئەسلى باھاسى 820 لىرا، ھازىرقى باھاسى: 42...
19/10/2025

ئەۋلاد نەشرىياتىدىن بۇ ئايلىق ئالاھىدە ئېتىبار باھالىق پائالىيەت:
ئۈچ قىسىمنىڭ ئەسلى باھاسى 820 لىرا، ھازىرقى باھاسى: 420 لىرا.
(پائالىيەت بىر ئاي كۈچكە ئىگە)

ۋاتسئاپ ئارقىلىق سېتىۋېلىڭ
+90 553 070 73 50
https://api.whatsapp.com/send?phone=905530707350&text
ئەۋلاد كىتاب بازىرىدىن سېتىۋېلىڭ!www.ewlatkitap.com

يېڭى كىتاب ئۇچۇرىدوكتور مەمتىمىن ئەلانىڭ «ئۇنتۇيالمىغانلىرىم» ناملىق كۆپ قىسىملىق ئەسلىمىسىنىڭ 3 - قىسمى «سوغۇق يىللار» ...
05/10/2025

يېڭى كىتاب ئۇچۇرى

دوكتور مەمتىمىن ئەلانىڭ «ئۇنتۇيالمىغانلىرىم» ناملىق كۆپ قىسىملىق ئەسلىمىسىنىڭ 3 - قىسمى «سوغۇق يىللار» ئەۋلاد نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ۋاتسئاپ ئارقىلىق سېتىۋېلىڭ
‪+90 553 070 73 50‬
https://api.whatsapp.com/send?phone=905530707350&text

ئەۋلاد كىتاب بازىرىدىن سېتىۋېلىڭ!
https://www.ewlatkitap.com/untuyalmighanlirim-soghuq-yillar-3

29/09/2025

ئەۋلاد گۇرۇپپىسىنىڭ تور بەت ۋە ئەپ دېتاللىرى

ئەۋلاد كىتاب بازىرىدىن سېتىۋېلىڭ!www.ewlatkitap.com ۋاتىسئاپ ئارقىلىق زاكاز بېرىڭ: https://api.whatsapp.com/send?phone=9...
28/09/2025

ئەۋلاد كىتاب بازىرىدىن سېتىۋېلىڭ!www.ewlatkitap.com

ۋاتىسئاپ
ئارقىلىق زاكاز بېرىڭ:
https://api.whatsapp.com/send?phone=905530707350&text

ئۇيغۇر تائاملىرى رىسالىسى جەمئىي 20 قىسىم، رەڭلىك

يېڭى كىتاب ئۇچۇرى
16/09/2025

يېڭى كىتاب ئۇچۇرى

📢 Sunum özeti gönderimi için son 10 gün.📢 Only 10 days left for abstract submission.📢 تبقّى 10 أيام فقط لتقديم الملخصات....
05/09/2025

📢 Sunum özeti gönderimi için son 10 gün.
📢 Only 10 days left for abstract submission.
📢 تبقّى 10 أيام فقط لتقديم الملخصات.
📢 ماقالە خۇلاسىسىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ئاخىرقى 10 كۈن.

Uluslararası Mehmet Emin Buğra Sempozyumu

İstanbul Sabahattin Zaim Üniversitesi, İpekyolu Medeniyetleri Uygulama ve Araştırma Merkezi Müdürlüğü ile Farabi Eğitim Kültür ve Araştırma Derneği iş birliğinde, merhum Mehmet Emin Buğra’nın vefatının 60. yılı vesilesiyle 17 Aralık 2025 tarihinde düzenlenecek olan Uluslararası Mehmet Emin Buğra Sempozyumu için hazırlıklarımız devam etmektedir.
Sempozyumun ana teması, Mehmet Emin Buğra’nın fikri mirası, mücadelesi ve Doğu Türkistan tarihi bağlamında değerlendirilmesini kapsayacak şekilde belirlenmiş olup, disiplinlerarası katkılara açık bir yapıya sahiptir.
Katkı ve destekleriniz bizim için kıymetlidir.

Sempozyum, Yunus Emre Enstitüsünce desteklenmektedir.

ayrıntısına aşağıdaki linklerden ulaşabilirsiniz:

SEMPOZYUM DUYURU VE KATILIM REHBERİ İÇİN TIKLAYINIZ.

CLICK HERE FOR THE SYMPOSIUM ANNOUNCEMENT AND PARTICIPATION GUIDE

ندوة محمد أمين بوغرا الدولية

Saygılarımızla,

Farabi Eğitim Kültür ve Araştırma Derneği
İstanbul Sabaharrin Zaim Üniversitesi

[email protected]
www.izu.edu.tr | www.farabi.org.tr
Sempozyum duyurusu için bakınız:
https://www.izu.edu.tr/etkinlikler/2025/12/17/default-calendar/uluslararasi-mehmet-emin-bugra-sempozyumu





https://www.farabi.org.tr/turoku-570013823b2bc2002661

Farabi Derneği
15/08/2025


Farabi Derneği

Address

Seyitömer Mahallesi Uzun Halil Sokak. No:12/5
Istanbul

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when ئەۋلاد نەشرىياتى/ Ewlat Neshriyat posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Business

Send a message to ئەۋلاد نەشرىياتى/ Ewlat Neshriyat:

Share

Category