Erkin Asiya Radiosi

Erkin Asiya Radiosi Erkin Asiya Radiyosi Uyghurlargha munasiwetlik toghra, ishenchlik uchurlarni oz waqtida teminleydu

ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدىشۆھرەت ھوشۇرياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار م...
08/16/2026

ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدى

شۆھرەت ھوشۇر

ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەت تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋ (Kubanychbek Omuraliev) بىلەن كۆرۈشتى. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە سۆزلەشكەن.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا دېيىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، سودا-سېتىق ۋە مەبلەغ، ترانسپورت ۋە ئالاقە، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، مائارىپ ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئىككى تەرەپ يەنە ترانس-كاسپىي ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىغان تەرىپى دىپلوماتىك كۈنتەرتىپتىن كۆپرەك ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشى بولدى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن تۈركىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تەڭپۇڭلۇق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك كەڭلىكتە سىياسىي مەيدان يارىتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.
تۈركىيەدىكى ژۇرنالىست مېركامىل قەشقەرلىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئارفىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىدا ئورۇن ئېلىشى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قارىشىچە، ئارفىيەنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرچە سۆزلىشى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە نۇپۇزىنى نامايان قىلغان.

قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنشۆھرەت ھوشۇريېقىندا قەشقەردىن تېلېفۇنىمىز...
08/15/2026

قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن

شۆھرەت ھوشۇر

يېقىندا قەشقەردىن تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى ياتاقلىق يەسلىلەر ھەققىدىكى ئېنىقلىشىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان نارىسىدە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىدە، جۈملىدىن پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بالىلار تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يىلدا بىر-ئىككى قېتىم ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۆچىرەتتە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈشۈش 2-3 مىنۇتتىن ئاشمايدىكەن. ساقچىلار ھەر ئىككى تەرەپكە يىغلىماسلىقنى بۇيرىسىمۇ، بۇ كۆرۈشۈش كۆپ ھاللاردا يىغلا-زارە بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.
ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بىر يەسلىدە پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلاردىن بەش نەپىرى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە دەم ئېلىش ۋە داۋالىنىشقا ئەۋەتىلگەن. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى توختىماي يىغلايدىغان، بەزىلىرى پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ مەسئۇل بولغان بالا بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدىكى بىر ھەپتە جەريانىدا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمىگەن ۋە ئېكراندىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدىگەن.
ئۆتكەن يىللاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئاتا-ئانىسى تەڭلا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى، مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ «بىخەتەرلىكى» ۋە ئىدىيە ھالىتىنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ساقچى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەرىشتىلەر مەكتىپىدىكى ئۈچ يىل ئاۋۋال ئېچىلغان بىر سىنىپتا 30 نەپەر ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى، كۆپىنچىسىنىڭ بولسا ئاتا-ئانىسى تەڭلا «تەربىيەلەش»كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بالىلارنىڭ «نورمال» تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىسى بارلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭمۇ يىلدا بىر قېتىم ئېكراندا بەش مىنۇت كۆرۈشتۈرۈلۈش ئارقىلىق «ئۇتۇقلۇق» هەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى بالىلارنىڭ دۇنياسىنىڭ ئاساسەن ئاتا-ئانىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ۋە ئۆز دۇنياسى بىلەن كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق باغلىنىش قۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ سانىلىدىغان ئائىلە، تۇنجى مۇئەللىم سانىلىدىغان ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن ئايدا "شاھىت بىز" تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئاز دېگەندە 143 مىڭ نەپەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

پروفېسسور، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ يېڭى ئاكادېمىك كىتابى ئىنگلىزچە نەشىر قىلىندىتاھىر ئىزگىلئەنقەرە ھاجى ...
08/14/2026

پروفېسسور، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ يېڭى ئاكادېمىك كىتابى ئىنگلىزچە نەشىر قىلىندى

تاھىر ئىزگىل

ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق نىڭ «خىتايدا باشقىلار: باشقۇرۇش ۋە خىتايچە ئاسسىمىلياتسىيە» (Others in China: Governing, Assimilation with Chinese Characteristics) ناملىق يېڭى ئىلمىي ئەسىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاكادېمىك نەشرىياتلارنىڭ بىرى بولغان «پالگرەۋ ماكمىللان» (Palgrave Macmillan / Springer) نەشرىياتى تەرىپىدىن سىنگاپوردا ئىنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر نەشىرىيات تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىككىنجى ئاكادېمىك كىتابىدۇر.
بۇ كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئېتنىك سىياسەتلىرىگە، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ۋە ئېتنىك-دىنىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان تارىخىي ھەم ھازىرقى زامان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارىتا چوڭقۇر ئانالىز ئېلىپ بارغان. كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك نىيىتىنى دۆلەت ئىچى ۋە بېسىۋالغان رايونلاردىكى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
ئاپتور خىتاينىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەتنى بىر خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ خىتاي مەدەنىيەت مەپكۇرىسى بىلەن زامانىۋى ماركسىزم ۋە مىللەتچىلىك ئىدىئولوگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمەلىيىتىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ ئانالىز قىلغان. كىتابتا بۇ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسلىق تەتقىقات ئۆرنىكى (Case Study) قىلىپ ئېلىنغان.
كۆكتۈرك دەۋرىدىن قالغان خىتاينى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىلمىي ئەنئەنىسىنى يازما، ئاكادېمىك سىستېمىغا سالغان ئاساستا، خەلقئارالىق پەن ئۆلچىمى ۋە خەلقئارالىق تىلدا تەقدىم قىلىشنى بىر زۆرۈرىيەت دەپ قارىغان ئاپتور بۇ كىتابتا 30 يىلغا يېقىن كۆزىتىش، ئىزچىل ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش، ھەر خىل مىللەتلەر رايونلارىدىكى ئۇزۇن يىللىق سوتسىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جۇغلانمىسى ئاساسىدا يېزىپ چىققان.
ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق 2002-يىلى تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا سوتسىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2014-يىلى خىزمىتىدىن ئستىپا بېرىپ ئاكادېمىك ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋام قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى ئېتنىك سوتسىئولوگىيە، ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ خىتتاي، ئىنگلىز، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا 80 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالا، كىتاب بابلىرى ۋە 6 پارچە مۇستەقىل كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ژۇرنىلى» (Journal of East Asian Studies in Türkiye) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇھەررىرى.

08/14/2026

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 14-ئاۋغۇست)
قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدى. ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر. ئىككى ئۇيغۇر مۇخبىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدىتاھىر ئىزگىلئامېرىكا...
08/13/2026

جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تاھىر ئىزگىل

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا 43 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى بويىچە ئىمبارگو يۈرگۈزىلىدىغان تىزىملىككە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئىتتىپاقى (WRC)ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى CEUFL)) باياناتچىسى جەۋھەر ئىلھام ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
جەۋھەر ئىلھام بۇ تىزىملىكنىڭ كېڭىيىشى پەقەت بىر سودا چەكلىمىسىلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى، دېدى. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالىدىغان شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر چەكلەنگەن ماللارنىڭ باشقا يوللار بىلەن ئايلىنىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە كىرگۈزۈلگەن مال ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
5-ئاۋغۇست خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 43 خىتاي شىركىتىگە قويغان ئىمبارگوسىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئالتە شىركەت ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى «ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇنسىز جازالىرىغا ياردەملەشكەن ۋە مەدەت بەرگەن» دەپ ئەيىپلىگەن ئالتە شىركەت ۋە ئورگانلار قوللىنىلىشچان DNA ئىلىم-پەن شىركىتى (Applied DNA)، ستراتۇم سۇ ئامبىرى چەكلىك شىركىتى (Stratum)، ئالتانا تېخنىكا شىركىتى (Altana Technologies)، مەسئۇلىيەتچان سودا ئىتتىپاقى (RBA)، ۋېرىتې گۇرۇھى (Verite Group, Inc) خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (HRIC) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خىتاي تەرەپنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 2026-يىلى 5-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي ئىچىدىكى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ ئالتە ئورۇن بىلەن سودا، ھەمكارلىق ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى تولۇق مەنئى قىلىنىدۇ.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى كەسكىن ئىنكار قىلىشىغا قارىتا جەۋھەر ئىلھام مۇنداق دېدى: "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار، گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇرلارغا قارشى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە."
جەۋھەر ئىلھام يەنە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ئوخشاش بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلىمىسى قانۇنلىرىنى چىقىرىشقا ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن قوغداشقا چاقىردى.

ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتاتاھىر ئىزگىل4-ئاۋغۇست، ...
08/12/2026

ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا

تاھىر ئىزگىل

4-ئاۋغۇست، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى،
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلار جامائىتى كېڭىشى (عالمي مجتمعات مسلمة) قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجا شەھىرىدە «2026-يىللىق خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 24 دۆلەت ۋە رايونلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن يۈزدىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا «تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بارلىققا كەلتۈرۈش» تەشەببۇس قىلىنغان. شۇنداقلا، چەت ئەللىك مېھمانلار "شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش" كۆرگەزمىسى بىلەن ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان.
ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرستېتىنڭ دوتسېنتى، ستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم رادىيومىز زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ ئىيۇل ۋە ئاۋغۇستلاردا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى بىر قاتار ھەربىي مانىۋېر ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېچىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىغىن ئارقىلىق بىر تەرەپتىن توققۇز يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنىڭ «ئۇتۇقلۇق» بولغانلىقىنى خەلقئاراغا كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ۋە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» تەشەببۇسلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمئىيەت ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ئۆزىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆز جىنايەتلىرىنى تازىلاشقا ۋە دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تىبەت قەھرىمانى لوبگا راڭزېننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدىشۆھرەت ھوشۇربىر ئاي بۇرۇن ب د ت نى...
08/12/2026

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تىبەت قەھرىمانى لوبگا راڭزېننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى

شۆھرەت ھوشۇر

بىر ئاي بۇرۇن ب د ت نىڭ نىيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان تىبەت پائالىيەتچىسى پاۋو لوبگا راڭزېننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى.
نىيۇ-يوركنىڭ دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان "ئۇيغۇر ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي كىمىلىكىنى ساقلاش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە سۇنماس روھىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ لوبگا راڭزېننىڭ پىداكارلىق روھىنىڭ تىبەتلەرنىلا ئەمەس، ئازراقلا ئىنساندارچىلىق ئېڭى بولغان ھەر قانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
پائالىيەتتە سۆزگە چىققانلار ئارىسىدا داڭلىق كىنو ئارتىسى، تىبەت دوستى رىچارد گېرمۇ بار بولۇپ، ئۇ سۆزىدە لوبگا راڭزېننى «تىبەت خەلقىنىڭ ئازابىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىنىشىغا تاقات قىلالمىغان پىداكار شەخس» دەپ تەرىپلىدى، شۇنداقلا تىبەتلەرگە مېھر-شەپقەتلىك بولۇشنىڭ پاسسىپلىققا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكى، زۇلۇمغا جايىدا ۋە تەگىشلىك قارشىلىق بىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس قىلغان سۆزىدە لوبگا راڭزېننىڭ قەھرىمانلىق روھىغا ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىللە، تىبەت ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان رىچارد گېرنىڭ تىبەتلەرنى قوللىشى باشقا مەھكۇم مىللەتلەرگىمۇ ئىلھام بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ گوللاندىيە قىسمىغا ئابدۇرېھىم غېنى، ئەنگىلىيەدىكى قىسمىغا ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت قاتناشتى.
پائالىيەتتە باشتىن-ئاخىر لوبگا زاڭزېن خاتىرىلىنىش بىلەن بىللە خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ئەيىبلەندى. پائالىيەتچىلەر بىردەك ھالدا خەلقئارا جامائەتنى بۇ قانۇنىڭ ئىجرائاتىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

08/11/2026

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 11-ئاۋغۇست)
ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا. جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى؛ خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ ئىنگلىزچە ئاكادېمىك كىتابى نەشىر قىلىندى.

رەھىمە مەھمۇت «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدىشۆھرەت ھوشۇرئاكتىپ پائالىيەتچى...
08/11/2026

رەھىمە مەھمۇت «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

شۆھرەت ھوشۇر

ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت 30-ئىيۇل كۈنى «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەد مىلىباندقا قارىتىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى.
ئوچۇق خەتتە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي تونۇش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگىلىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش، شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تىزىملىكىنى سوراش ۋە خەلقئارادىكى خىتايغا قارىتا ئېمبارگولارنى ھەمكارلىشىپ ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ۋە جىددىيلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۆزى ئۇچرىغان شەخسىي ئائىلە زىيانكەشلىكلىرىدىن مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرگەن رەھىمە مەھمۇت ئوچۇق خېتىنىڭ ئاخىرىدا تارىخنىڭ ئەنگىلىيەگە پەردە ئارقىسىدىكى گەپلەرگە قاراپ ئەمەس، ھەق-ئادالەت مەسىلىسىدە قايسى مەيداندا بولغانلىقى ۋە نېمىلەرنى ئىجرا قىلغانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رەھىمە مەھمۇت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ۋەكىلى ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىدۇر. ئۇ 2021-يىلى لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى»نىڭ غوللۇق تەرجىمانى ۋە سوتنىڭ ئېچىلىشىدىكى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرىدۇر.

ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندىشۆھرەت ھوشۇرئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە...
08/10/2026

ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى

شۆھرەت ھوشۇر

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىتاي قاتىل تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەنسىز بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس شەخس، پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوغلى بولۇشى خەۋەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئىدى.
بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. سان بېرناندىنو ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ خادىمى جېننى سىمىس خانىم سۇئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا دېلونىڭ جەريانى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى خاتىرىلەنگەن رەسمىي ماتېرىيال ۋە رەسمىي ئۇچۇر مەنبەلىرىنى تەمىنلىدى.
بۇ خەۋەر ۋە ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 10دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە مەزكۇر ساقچى ئورگىنى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە تېلېفوندا ئەتراپتا ئوق ئاۋازى چىققانلىقى ۋە بىرەيلەننىڭ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىراۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان. ساقچىلار مەلۇم قىلىنغان ئادرېسقا يېقىنلاشقاندا، يەنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىككى كىلومېتىرچە يېقىنلاشقاندا، نورمالدىن تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنى ئۇچراتقان. ساقچىلار ماشىنىنى توختىتىشقا ۋە ئىچىدىكىلەرنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغۇچى چۈشۈپ تەسلىم بولغان، رولدىكىسى ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكەن ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى بىرىگە ئوق چىقارغان. شو چاغقىچە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا ئادەم بارلىقىنى بىلمىگەن ساقچىلار دەرھال ئوق چىقىرىپ ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى ئېتىۋەتكەن. ئەسلىدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلاردىن رولدىكىسى 67 ياشلىق بو جېڭفېڭ، ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدىكىسى 66 ياشلىق بو جىيەنچۈەن، ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا سولۇنۇقلىقى 60 ياشلىق ئەكبەر شۈكۈر بولۇپ، مەزكۇر ئاكا-ئۇكا خىتايلار ئەكبەر شۈكۈر ئولتۇرۇشلۇق ئۆيىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان ئىكەن. ساقچىلارنىڭ ئېنىقلاش جەريانىدا خەۋەر تېپىشىچە، ئەكبەر شۈكۈرنىڭ قوروسىدا ئوق ئاۋازى چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆيدە توك كەتكەن، ئەكبەر شۈكۈر ئۆينىڭ توك ساندۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قوروغا چىققاندا، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئېتىلغان ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا مەجبۇرىي سۆرەپ سولىنىپ ئېلىپ مېڭىلغان. ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۇچۇر خاتىرىلەنگەن مەزگىلدە مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، بو جېڭفېڭ بىلەن ئەكبەر شۈكۈرنىڭ بىرى ئۆي-مۈلۈك، يەنە بىرى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاز دېگەندە ئىككى شىركەتتە شېرىكچىلىكى بار ئىكەن. ئارىلىرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە قىممىتى 20 مىليون دوللار بولغان بىر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تالاش-تارتىشى مەۋجۇت ئىكەن. يەنە دەسلەپكى خەۋەرلەردە دەپ كۆرسىتىلىشىچە، بو جېڭفېڭ بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە ۋەقە سادىر قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىر قانچە كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلغان، ئەمما ئەرىز قىلىنغانلار ئارىسىدا ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن.
نۆۋەتتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر قاتىللىق ۋەقەسىگە ئىقتىسادىي بىر زىياننىڭ تۈرتكە بولغانلىقى پەرەز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، ئەمما بۇ پۇلنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئەكبەر شۈكۈر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
2-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان دەسلەپكى سوراق سوتىدا قاتىلنىڭ ئىنىسى بو جىيەنچۈەن ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېيتقان، ئەمما خەۋەرلەردە ئەكبەر شۈكۈرنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش جەريانىدا بو جىيەنچۈەن بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قاتىللىق ۋەقەسىدە قاتىل شېرىكى سانىلىدىغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
باياناتچى جېننى سىمىس خانىم رادىيومىزغا يازغان ئېلخىتىدە ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەدە مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە سىياسىي تەھدىت سىگىنال ئالامىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سۆئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.
ئەكبەر شۈكۈر پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۈچ ئوغلىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاز كەم 20 يىلدىن بۇيان ئۈچ قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادا ياشىماقتا.
ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن ئىنكاسلار چۈشكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەگە قارىتا تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىدى، مەلۇم بولۇشىچە، تەشكىلاتلار رازۋېتكا خۇلاسىسى ۋە سوت ھۆكۈمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە.

Address

2025 M Street NW, Ste 300
Washington D.C., DC
20036

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Erkin Asiya Radiosi posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Business

Send a message to Erkin Asiya Radiosi:

Shortcuts

Share

Category