Uyghur Agéntliqi

Uyghur Agéntliqi مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى!

ئامېستېردام شەھەرلىك كېڭىشى شەرقى تۈركىستان نامىنى قوللىنىش لايىھەسىنى قوبۇل قىلدىئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 10-ئىيۇل2025-يىلى 7...
07/10/2025

ئامېستېردام شەھەرلىك كېڭىشى شەرقى تۈركىستان نامىنى قوللىنىش لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 10-ئىيۇل

2025-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېستېردام شەھەرلىك كېڭىشى شەرقى تۈركىستان نامىنى قوللاش لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

گوللاندىيەدىكى سىياسى پارتىيەلەرنىڭ بىرى دەنك پارتىيسى، تولۇق نامى (Political Movement Denk) سىياسى ھەرىكەت پارتىيسى ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن مۇزاكىرىگە قويۇلغان شەرقى تۈركىستان نامىنى قوللىنىش لايىھەسى شەھەرلىك كېڭەشتە ماقۇللانغان.

مەزكۇر لايىھەنىڭ ماقۇللىنىشى توغرىسىدا گوللاندىيەدە پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان مۇستەقىل پائالىيەتچى ئابدۇرىھىم غەنى توردا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر لايىھەنى قوللاپ شەھەرلىك كېڭەشكە خەت يېزىشقا چاقىرىق قىلغان.

مەزكۇر لايىھە ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇ «ئامېستېردام شەھەرلىك پارلامېنتىدىن خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمەتكە بىر ئوق ئېتىلدى» دەپ تەبرىكلىدى.

سىياسى ھەرىكەت پارتىيسى – تۇناھان كۇزۇ ۋە سەلچۇق ئۆزتۈرك (Tunahan Kuzu and Selçuk Öztürk) قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن 2015-يىلى فېۋرالدا قۇرۇلغان.

ئۇلار 2014-يىلى نويابىردا ئەسلى لىبېرال پارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەرگە قارىتا سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ پارتىيەدىن ئايرىلغان. دەنك پارتىيسى – گوللاندىيەدىكى تۈرك، ئافرىقانلار، موروككۇلۇقلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئاساسىي سىياسەت قىلغان. مەزكۇر پارتىيە گەرچە دەسلەپتە مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان بولمىغان پارلامېنت ئەزالىرىمۇ كەڭ ئورۇن ئالغان.

https://uyghur.uyghurtimes.com/amesterdam-sheherlik-kengishi-sherqi-turkistan-namini-qollash-layihesini-qobul-qildi/

ختاي رەئىسى شى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشمايدۇئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-ئېيۇلختاي د...
07/08/2025

ختاي رەئىسى شى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشمايدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-ئېيۇل
ختاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دىدى :ختاي باش منستىرى لى چياڭ تەكلىپكە بىلەن 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيروغا بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.
ختاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ تۇنجى قېتىم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىششىغا قاتناشماسلىقى تۈرلۈك مۇنازىرە ۋە پەرەزلەرگە سەۋەب بولماقتا.

ۋاڭ يى: سىيرەك توپا ختاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىگە ئايلانمايدۇئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،6-ئېيۇلختاي تاشقى ئ‍شلار منس...
07/07/2025

ۋاڭ يى: سىيرەك توپا ختاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىگە ئايلانمايدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،6-ئېيۇل

ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرى ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيە بىلەن خەلق ئىشلىرىغا تەڭ ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى زۆرۈر نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى يولغا قويۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، شۇنداقلا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيىتى. ختاي تەرەپنىڭ سىياسىتى خەلقئارا ئادەتكە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. سىيرەك توپا ئېكسپورتى ئەزەلدىن ختاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا مەسىلىگە ئايلىنىپ باقمىغان ھەم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بەزىلەرنىڭ ختاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا بۇ ئىشنى قەستەن كۆپتۈرۈشىدە يامان غەرىزى بار.»

5-ئيۇل قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشلىرى ۋەخاتىرىلەش پائالىيەتلىر...
07/07/2025

5-ئيۇل قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشلىرى ۋەخاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى

تەپسلى خەۋەرنى تور بېتىمىزدىن ئوقۇڭ:
توغراق

2009 - يىلى يۈزبەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور قانلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ ۋەقەدە ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چوماقچىلىرى ھىساپلانغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى،مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا ۋە جازا لاگىرلىرىغا ۋە مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.

https://uyghur.uyghurtimes.com/5-yul-qetliami-munasiwiti-bilen-dunyaning-herqaysi-jayliridiki-uyghurlar-naraziliq-namayishliri-wexatirilesh-paaliyetliri-elip-bardi/

07/06/2025
تۈركىيە 825 كىلوگىرام خېروئىننى قولغا چۈشۈردى ھەمدە 30 ئادەمنى قولغا ئالدىئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 6-ئېيۇلتۈركىيە ئىچكى ئىشلا...
07/06/2025

تۈركىيە 825 كىلوگىرام خېروئىننى قولغا چۈشۈردى ھەمدە 30 ئادەمنى قولغا ئالدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 6-ئېيۇل

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئەلى يىللىكايا شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنداق ئاشكارىلىدى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسىمى بۇ دۆلەتنىڭ يەتتە ئۆلكىسىدە بىر قاتار بىرلىشىپ زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 825 كىلوگىرام خېروئىننى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان 30 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ تۇرغان.

ئاتالمىش 7-نۆۋەتلىك «ختاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى»ئۆتكۈزۈلىدۇئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 6-ئېيۇلختاي ئۇزۇندىن ب...
07/06/2025

ئاتالمىش 7-نۆۋەتلىك «ختاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى»ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 6-ئېيۇل

ختاي ئۇزۇندىن بىرى- ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەشۋىقات قورالى، دىپلوماتىيە ۋاستىسى، ئېقتسادى تەدبىر سۈپىتىدە ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئ‍شلىتىپ، كەلمەكتە.ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئۇسۇلىنى ۋاستە قىلىپ بەرپا قىلغان « خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسۇل بايرىمى»دەل ختاينىڭ مۇھىم تەشۋىقات سەھنىسى بولۇپ قالدى.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئاتالمىش 7-نۆۋەتلىك «ختاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى» 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 17 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت كۆپ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ختاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت-تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا كۆزىنى بوياش ئۇسۇلىنى قوللانسا، ئۇيغۇرلارغا نسبەتەن دىققەتنى بۇراش ئۈچۈنمۇ ئ‍شلىتىدۇ

ئاساسىي مەيدان ئۈرۈمچى شەھىرى بولۇپ، ئىلى، خوتەن، ئاقسۇ، قاراماي، قومۇل ۋە ئارالدىمۇ كۆرگەزمە بولىدۇ. «ئۇسسۇل ئوينايلى» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ بايرامدا سەككىز دۆلەت ۋە يۇرت ئىچىدىن كەلگەن 24 سەنئەت ئۆمىكى تاماشىبىنلارغا 52 مەيدان ئالاھىدە سەھنە سەنئىتى نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىدىكەن.

07/05/2025

«5- ئىيۇل ئۇرۇمچى قەتلىيامى» نىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئۇرۇمچى ۋەزيىتىدىن بىلىدىغانلىرىم

ئاپتورى:جەۋلان ئۇيغۇر

2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىميىتى ، قولىدا تومۇرنىڭ سۇنىقى بولمىغان ياشلىرىمىزنى شېھىت قىلىپ ، ئۇرۇمچى شەھىرىنى قان بىلەن بويىدى . بۇ ، كۈندىكى نامايىشمۇ خىتاي ھاكىميىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان قەبىھ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتا ئۇيغۇر خەلقنىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز پارتىلاپ چىقىۋاتقان قارشىلىقلىرىنىڭ داۋامى ئىدى. «5- ئىيول ئۇرۇمچى قەتلىيامى » كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى ،تەسىرىىنڭ كەڭلىكى جەھەتتە شەرقى تۇركىستاننىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق مۇستەملىكە تارىخىدىمۇ ئاز كۆرۇنگەن بولۇپ،قەتلىيام تا بۇگۇنگە قەدەر داۋاملاشماقتا،كىڭەيمەكتە ۋە چوڭقۇرلاشماقتا. ئۇيغۇرلارتارىختا بۇگۇنكىدەك كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنمىغان، قىرىلمىغان. ئىدى ،تارىخى ماتىرىاللاردىن بىلىشىمىزچە تارىخىمىزدا ئەڭ چوڭ جەڭ بولغان 2- قېتىملىق جۇمھۇريەت ئىنقىلاۋىدىمۇ «مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن 3000 غا يېقىن ئادەم قۇربان بولغان» ئىكەن.لىكىن 1949- يىلدىن بۇيانقى ھەر بىر قەتلىياملاردا خىتاي ھۆكۈمىتى قىرىۋەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى قانچە؟- بۇ ھېساپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭلىگە ئايان! بۇ قېتىمقى قەتلىيامدىن كىيىن زۇلۇم تېخىمۇ چىكىگە يەتتى، خىتاي زىمىنىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرغىچە ئۇيغۇرلارغا دۇشمەنلىك ھىسياتى قوزغىتىلدى. 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى ۋەقە،گۇاڭدوڭ شىاۋگۇەن پاجىئەسىنىڭ سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەندەك قىلسىمۇ شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئاللىقاچانلا سەرەڭگە ياقسىلا تۇتىشىدىغان قۇرۇق ئوتۇنغا ئايلانغان ئىدى. ​ قەتىليامنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىيەت ◦ 1 ). 10 يىللىق « مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى» دىگەن زوراۋانلىق ھەركەتتە يالغۇز ئۇيغۇرلا ئەمەس مىليونلىغان خىتايلارمۇ زەربىگە ئۈچۇرغان ئىدى. ماۋ ئۆلگەندىن كىيىن ھەربى ئۆزگۇرۇش قىلىپ تەخىتكە چىققانلار ھالاكەت گىرداۋىغا كىلىپ قالغان جەمىيەتنى ئوڭشاش ئۇچۇن چارە –تەدبىرلەرنى ئالماقچى بۇلۇپ ،پۇتۇن مەملىكەتنى قاپلاپ كەتكەن ئىشسىزلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. خىتايلارغا يارىتىلغان بۇ چوڭ پۇرسەتتە ،يېزىلارغا پالانغان ئۇيغۇر زىيالى ياشلارمۇ مەلۇم ساندا ئۇقۇشقا ۋە ھەر خىل خىزمەتلەرگە قۇبۇل قىلىندى. 70- يىلنىڭ ئاخىرىلىرى،80- يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلاردا يەنىلا ئۇقۇغانلار تالادا قالمايدىكەن دىگەن ئىدىيە شەكىللىنىپ ئۇقۇش قىزغىنلىقى قايتا قوزغالغان ئىدى. بىچارە ئاتا –ئانىلارقوللىردىكى بار بىساتلىرىنى سېتىپ دىگۇدەك پەرزەتنلىرىنى ھەر خىل مەكتەپلەردە ئوقۇتتى. ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ خىزمەت تېپىشتىن زور ئۇمىدلەر كۈتكەن ئىدى. بىراق 96- يىلدىن باشلاپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلىش سىياسىتى ئەمەلدىن قېلىپ «قوش يۆلۇنۇشلۇك تاللاش»دىگەن سىياسەت يولغا قويۇلدى بۇنىڭ چىرايلىق چۈشەندۇرۇلۇشى:«خىزمەت ئىزلىگۈچىلەر خىزمەتنى ئۆزى تاللاش، خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنمۇ كېرەك ئادەمنى ئۆزى تاللاش»ئىدى.قارىماققا ئىككىلا تەرەپكە ئەركىنلىك بېرىلگەندەك قىلاتتى. ئەمىليەتتە ،مانا مۇشۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ياشلىرى مىللەت سۈپىتىدە چەتكە قېقىلىشقا باشلىدى. خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلارنۇمۇس قىلماي تىل، ياتاق، تاماق،ئورىپ – ئادەت ۋاھاكازا دىگەنلەرنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قۇبۇل قىلمىدى ، بارا – بارا ھىچقانداق «سەۋەپ »كۆرسەتمەيلا «ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلمايمىز» دەيدىغان بولىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تۈركۈم – تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىز قالدى. بۇ ھالەت بەكىرەك ئېغىرلاشقاندا ،ھۆكۈمەت يەنە يەرلىك مىللەتلەر ئارسىغا سوغوقچىلىق سېلىشنى مەقسەت قىلغان رەزىل ئويۇنىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنى يېنىغا تارتقاندەك كۆرسۈتۈپ،ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئوخشىمىغان سىياسەت يۈرگۈزۈشنى يولغا قويدى. ئشچى – خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا ئوچۇقتىن – ئوچۇقلا ،قازاق ئالىمىز،باشقا ئاز سانلىق مىللەت بولساڭ ئالىمىز، ئۇيغۇرنى ئالمايمىزدەيدىغان بولدى. ئۇرۇمچىدىن باشقا يەرلەردە تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ ، «5- ئىيول قەتليامى»دىن كېيىن ئاشكارلىنىشىچە،خوتەن ۋىلايىتىدىلا ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرى 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ◦ 2009- يىلىغىچە يۇرتىمىزدا،ھەرخىل چوڭ زاۋۇد،كانلار، چوڭ شېركەتلەركۆپلەپ قۇرۇلغان بولسىمۇھوقۇق خىتاي قولىدا بولغاچقا، يۇرتلىرىدىن كۆپلەپ چالا ساۋات دىخانلىرنى يۆتكەپ كىلىپ سەپلىدىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىز يۈردى.مۇتلەق كۆپچۇلۇك ئۇيغۇرلارغا ئۇقۇشمۇ ئەسقاتمىغاندىن كىيىن ئۇلاردا باشقىچە يول تېپىش ئىستىگى پەيدا بولدى. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرغا سودا-تىجارەت ئۆگۇتۇش،ھۈنەرگە بىرىش، دىنى ئۇقۇشقا بىرىش ئارقىلىق بالىلىرغا بىر چىقىش يۇلى تېپىپ بەرمەكچى بولدى. سودا-سېتىق بىر مەزگىل قىزىغاندەك قىلسىمۇ. لىكىن ھۆكۇمەتتىكى ۋە ئەدىليەدىكى چىرىكلىك ،يەكلەش تۈپەيلىدىن بۇلاڭ-تالاڭ خارەكتىردىكى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىردى. ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر خىتاي ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىشغا ئۇچىرسىمۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋىپ يەتسىمۇ خىتاي قانۇنى قوغدىمىدى. ئوتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىردىن تاكى 2009-يىلغىچە بىجىندىكى ئاتالمىش "شىنجاڭ ئش بېجىرىش ئورنى" ھەر يىلى يۇزلەپ ئۇيغۇرلار ژىغلاپ بارىدىغان جاي ئىدى، بۇ يەرگە ئاتالمىش "ئاپتۈنۈم رايون "نىڭ مۇھىم ئەرباپلىرى يىلدا نەچچە رەت كىلىشەتتى، بۇلار بىلەن ئۈرۈمچىدە كۇرۇشۇش تەس ئىدى، مۇشۇ يەردە ئەرىزلىرنى دەۋالاتتى، خىتاي مىللى ئىشلار كومىتىتىنىڭ مۇدىرى ئىسمايىل ئەھمەدمۇ بىجىندە 30 يىللاپ تۇرغان بۇلۇپ زىيانكەشلىككە ئۈچىرغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن ئۈمىت كۈتۈپمۇ بېرشاتتى. لىكىن ھىچيەردىن ئۇيغۇرغا ئىگە چىقمىدى . 2) . 1991- يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۇمىتى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ سەزگۇر بولۇپ كەتتى.« بېخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش »،«بېشى كۆرۇنسىلا ئېتىش»،«دەم ئېلىش پۇرسىتى بەرمەي ئۇلاپ زەربە بېرىش»دىگەن يوليورۇق، چاقىرىقلار كەڭ تەشۋىق قىلىندى.شۇ چاغلاردىلا كەڭ تۇتقۇن قىلىش باشلانغان ئىدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېشىدا بىر تەرەپتىن كۈتۈلمىگەن خەتەرلەر ئايلىنىپ يۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن جان بېقىش يوللىرى ئىتىلىپ ئىنتايىن ئىچىنىشلىق ئەھۋالدا قالدى.يېزىلاردىكى زۇلۇم شەھەرلەردىن ئېغىر بولدى، يۇرتىمىزدىكى زۇلۇم خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېغىر بولدى. شۇڭلاشقا يۇرتلىرىدا خاتىرجەملىك تاپالمىغان ئۇيغۇر ياشلىرى يېزىلاردىن چوڭ شەھەرلەرگە، يۇرتىمىزدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سەرسان بولۇشقا باشلىدى. بىراق ئۇ يەرلەردىمۇ زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلغىنى يوق. 3). يۇرتىمىزدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىغا قويۇلدىغان تەلەپ « مۇقىملىق »،بۇلۇپ، كىم «مۇقىملىق»نى ياخشى تۇتسا شۇ ئوستۇرۇلدى.شۇنىڭ بىلەن « مۇقىملىق»نى ھۇددىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك سېكرىتارلار يۇقۇرىدىن چۈشكەن «بىخەتەرلىك،ئالدىنى ئېلىش»يوليۇرۇقلىرىدىن باشقا ئۆزلىرى خالىغانچە تېخىمۇ يېڭىچە قاتتىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىجات قىلدى،قانۇن بىر چەتتە قايرىلىپ قالدى.ئىجات قىلغان ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈملۈكلىرى تەشۋىق قىلىنىپ ئۇمۇملاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇركادىرلارغا بېسىم قاتتىق بولۇپ، بىخەستىلىكتە ئاغىزىدىن چىقىپ كەتكەن بىرەر ئېغىز سۆزياكى قىلمىش ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى بەلگۇلىدى. مىللى كادىرلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى« مىللى ئىتتىپاقلىقنى قوغداش» ئىدى.«مىللى ئىتتىپاقلىق »دىگەن بۇشۇئار، ئۇيغۇرلارغا ئەڭ چوڭ زىيان سالىدىغان بېشىدىكى توخماق بولدى.خىتايلار ئۇچۇن ،ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى،كۆزىنى، پۇت – قولىنى چۈشەيدىغان، ،ھەر قانداق ئىشقا، ھەر قانداق ۋاقىتقا ماس كىلىدىغان زەربە بېرىش قۇرالى بولدى.مىللى كادىرلار ،خىتايلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ئىش ھەركەتلىرىگە قارىتاپەيدا بولغان خەلقنىڭ نارازلىقىنى بېسىش ۋەزىپىسىنىلا ئۆتىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن مىللى كادىرلار بىلەن خەلىق ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كۈچىيەتتى. ئاز ساندىكى قاپاقباش جان باقتىلار خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغىنى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ ئېغىر روھى ئازاپ ئىچىدە ئىشلەشكە مەجبۇر بولاتتى. 4).ئىلىمىزدە تاكى 90-يىللارغىچەيەرلىكلەر بىلەن ئاتالمىش«بىڭتۇەن»نىڭ ئارسىدا يەر، سۇ، ئوتلاق تالىشىش ئىشلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى. گەرچە بىڭتۇەن ئەڭ ياخشى يەرلەرنى،تەبىئي ئورمانلارنى ، سۇنىڭ بېشىنى ئىگەللەپ تۇرغان بولسىمۇ لكىن ئۇلار تېز كېڭەيگەنلىكتىن نەپىسى تويماتتى.بۇ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى كونتىرول قىلىش ئۇچۇن 90- يىللارنىڭ باشلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم ، بىڭتىۋەننىڭ يەرلىك ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياردەم بىرىش پىلانىنى تۇزۇپ چىقتى،ئاساسى مەزمۇنى: بىڭتىۋەندىن 500 كادىر ئاجرىتىپ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ۋىلايەتتىن ناھىيە- يېزىلارغىچە ھەر دەرىجىلىك ئاساسلىق ھۆقۇقنى بىڭتۇەندىن كەلگن خىتايلار ئىگەللىدى. ئۇندىن باشقا ھەر يىلى ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان نەچچە مىڭ خىتايلار بىر نەچچە ئاي تەربىيەلىنىپلا شەھەر،ۋىلايەت – ناھىيەلەردە رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئورۇنلاشتى.ھەر يىلى ئىچكىردىن ئوقۇش پۇتتۇرىگەن خىتايلار كۆپلاپ يۆتكەپ كېلىنىپ كادىر بولدى.مانا مۇشۇنداق تەرەپ- تەرەپتىن ئىگەللەش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ھوقۇقى بىڭتۇەنگە ئوتۇپ كەتتى. بۇ خىتايلار يەرلىك ئورۇندا ئىشلىسىمۇ تېزگىنى بىڭتۇەندە بولغاچقا ،يەرلىك ئورۇنلارنىڭ مەنپەتى قۇربان بولۇپ يەرلىك ئىگىلىك ۋەيران بولدى. دىھقانلار يەرسىز، سۇسىز قىلىپ ھەتتا كەنت، يېزا بويىچە تېرىقچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچ، يىزىلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئوي –ماكانلىرىنى تاشلاپ تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولدى. 5).تارىختىن بۇيانقى مىللى ئۆچمەنلىكنى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى پەيدا قىلغان ئىدى.چىرىكلەشكەن كوممۇنىستلار بۇ ئۆچمەنلىكنى ۋايىغا يەتكۈزدى.شەرقى تۇركىستاندىكى ئەيشى- ئىشارەتلىك تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قىلىش ئۇلار ئەڭ قوبۇل قىلالمايدىغان تېراگىديىدۇر.ئۇلار ھۆكۈمران مىللەتنىڭ تەمىنى پەقەت مۇشۇ يەرگە كىلىپ تېتىشتى.خىتاي ئۆلكىسىدە جېنىنى باقالماي قالغان گادايلار، جىنايەتچىلەر مۇشۇ يەرگە كىلىپ باي بولدى، ئەمەلدار بولدى، زوراۋانغا ئايلاندى.ئەمەلدار بولغانلىرى يۇرتىداشلىرىنى ئىلىپ كىلىپ قانۇنسىز تاپاۋەتكە يول ئېچىپ بەردى ۋە ئۆزلىرىمۇ نەپ ئالدى. يىللاردىن بۇيانقى زوراۋانلىققا قىلىنغان قارشىلىقلارنى بانا قىلىپ كوچىلاردىكى باققال، موزدۇز، ئەسكى – تۈسكى يىغىدىغان لالما خىتايلارنى يىغىپ ساقچى ئەترىتى تەشكىللەپ يۇقۇرى تەمىنات بىلەن قامداپ،يېزىلارنىڭ «ئامانلىق ساقلاش» ئىشلىرىنى شۇلارغا تاپشۇردى. تۈنۈگۈن كوچىلاردا دۈگدەرەپ يۇرگەن لالما خىتاي بۇگۇن ئۇيغۇرلارنى باشقۇرىدىغان زوراۋان بولدى. ئەكسىچە ئۆز يۇرتىمىزنىڭ ناھىيە- يېزىلىرىدىن ئۇرۇمچىگەكىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنى ئىنتايىن قىيىن ئىدى.ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇرۇمچى نوپۇس ئۇيغۇر ياشلىرى كوچا سۈپۈرۈپ ياكى خىتايلار غا ئۇسۇل ئويناپ يۈرگەن يەردە ناھىيە – يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت تىپىشى يوق گەپ ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان تىرىكچىلىگىگە، نارسىدە باللىرىغا قاراپ ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلىدۇ. خىتايلار مۇشۇنداق كۈن كۆرۋاتقانلارنىمۇ قوغلاپ ئاراملىق بەرمەيتتى. مىسال : 2008 –يىلى خىتايدا ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىشتىن ئاۋال ئۇرۇمچى گۈلساي قەۋرىستانلىقى بىلەن ساقچى مەكتىۋى ئارلىقىتىكى ئوت –چۆپمۇ ئۈنمەيدىغان بىريانتۇلۇقتا جەنۇپتىكى يېزىلاردىن چىققان ئوتتۇزدىن ئارتۇق ئائىلە ئەسكى خىش – كىسەكلەردىن ئوي سېلىپ ئولتۇرۇپ جان بېقىۋاتقان ئىكەن. « ئولىمپىك بىخەتەرلىگى» ئۇچۇن شۇلارنى ئويلىرىدىن ئۇششاق باللىلىرى بىلەن قوغلاپ چىقىرىپ،ئويلەرنى زەىجىر تاپان تىراكتورلار بىلەن يانچىپ يوق قىلۋەتكەن ئىدى. 6).ئەدىليەدىكى تەڭسىزلىك كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلاشتى. يىللاردىن بۇيان خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن زەربە يەپ قالسا ساقچىلار پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۇرۇپ جازالايدىغان،ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچرىسا بېسىقتۇرۋىتىدىغان ياكى ئۇيغۇرغا دۆڭگەپ قويىدىغان ئادىل بولمىغان سىياسەت، ئۇيغۇرلارنى قانۇنى ھەققىنى، ئىقتىسادى مەنپەتىنى، ھەتتا ھاياتىنىمۇ قوغدالمايدىغان ھالغا كەلتۇرۇپ قويدى. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ بىخەتەرلىگىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان، ياشلار جەمىيەتتىن ئۇمىدسىزلىنىپ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ھالسىراۋاتقان ھالەت شەكىللىنىپ بولغان ئىدى. خىتايلار بولسا ئۆزىگە ئىگە ھۆكۈمەت،ئارمىيە ،ساقچى،قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پانالىقىدا يۈرۈگى يوغىناپ توپلىشىپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرىدىغان ئىشلار كۆپۇيۇپ كەتتى. ھەتتا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى كېچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرى كوچىدا قالىدىغان، كۈپ- كۈندۈزدە يولدا كېتىۋاتقان قىز-چوكانلارنى ماشىنا بىلەن بۇلاپ ئاپقېچىپ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىدىغان ۋەقەلەر كۆپۇيۇپ كەتتى. 90- يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بوزەك قىلىنىشقا تاقىتى قالمىغان بىر نەچچە پىدائىلاركېچىدە چىقىپ تۆت خىتاينى بۇغۇزلىۋەتكەن ئىدى.ھۆكۇمەت قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ بۇ ياشلارنى تۇتۇپ ئۈچىگە دەرھال ئولۇم جازاسى بېرىپ خىزمەت كۆرسەتكەن بىرسىنى تۇرمىگە تاشلىدى .ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭمۇ تۇرمىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرى چىقتى. ختايلار ئۇيغۇرلارنى شۇنچىلىك كۆزگە ئىلماس بولۇپ كەتتىكى،ھېچبىر قانۇنى رەسىميەتسىزلا ئېتىۋىتەلەيدىغان بولدى.مىسال: 2008-يىلى خىتايدا خەلىقئارا ئۇلىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بىر ئاي بۇرۇن خىتايدا«جەمىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سېلىش»ھەركىتى باشلاندى ، بۇ جەرياندا ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچىرغانلار يەنىلا ئۇيغۇرلار بولدى . ئۇلىمپىك جەريانىدا ۋەقە چىقماسلىقى ئۇچۇن شەرقى تۇركىستاننىڭ ھەممىلا يىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرنى تۇتۇش، سولاش ، نەزەربەنىد قىلىش ، ھەتتا ھىچقانداق قانۇنى رەسمىيەتسىزلا ئېتىپ ئۆلتۇرۇدىغان زوراۋانلىقلار سادىر بولدى.مىسال : ئۇرۇمچىدە «چىڭگۇاڭ گۈللۇگى»دەيدىغان يېڭى بەرپا قىلىنغان ئائىلىلىكلەر قوراسىدا بىر ئوينىڭ ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر ياشنى ئېتىۋەتكەن ، ئارقىدىن تۆت ئۇيغۇر ياشنى تۇتۇپ چىقىپ قۇرادىلا ئۈيىنىڭ تېمىغا قارىتىپ ئولتارغۇزۇپ قۇيۇپ ، خوتۇن –بالىلىرى، جامائەتنىڭ ئالدىدىلا ئېتىۋەتكەن. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن «قىزىلتاغ »ئائىلىلىكلەر قوراسىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئىككى ئۇيغۇر ياشنى ئېتىۋەتكەن.مۇشۇنداق قەبىھ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئولىمپىك ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنى ۋەقە چىقارماسلىققا «ئاگاھلاندۇرماق» بولدى.ئۇرۇمچىدىن باشقا يۇرتلاردا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ ،ئولىمپىك ئېچىلىشتىن بىر نەچچەكۈن ئاۋال قەشقەردىكى نەۋرە ئاكا-ئۇكا ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى خىتاينىڭ قەشقەر گارنىزونىدىكى ئەسكەرلىرىنى ماشىنىغا دەسسىتىپ ۋە پىچاقلاپ،16 نى ئولتۇرۇپ(15ى نەق مەيداندا، بىرسى دوختۇرخانىدا ئولگەن) ،15نى يارلاندۇرۇپ قىساس ئالغان. قەتلىيام جەريانى 5 - ئىيول قەتلىيامى»ئاساسەن «شەرقى ئايلانما يول بازىرى»دىگەن يەردە يۈز بەرگەن. بۇ جايدىكى بەزى نەق مەيدانلارشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تورغا چىققان ئىدى، ئوقۇغۇچى كىيىمىدىكى ئۈچ بالىنىڭ جەستى قانغا چىلىنىپ ياتقان،ئۇلارنىڭ يېنىدابىر نەچچە قۇراللىق ساقچى تۇرغان كۈرۈنۇش ۋە باشقا كۆرۇنۇشلەرمۇ توردا كۇرۇنۇشكە باشلىغان ئىدى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تور ۋە تېلفونلار بىراقلا ئۈزۋىتىلدى. ئۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى شاھىتلار دىن باشقىلار بىلەلمىدى. ھەربىلەر.كەچتە ئوققا تۇتۇشتىن بۇرۇنلا ئۆلگەن ۋە ياردار بولغانلارمۇ خېلى كۆپ بۇلۇپ، «ئۇرۇمچى قۇراللىق قىسىم دوختۇرخانىسى» ۋە«ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى»غا نۇرغۇن ياردار ئۇيغۇر ياشلىرى كەلتۇرۇلگەن ، ئۇلارنى بالنىستقا ئالماي دوختۇرخانە قوراسىدا سىمونىت يەرگىلا تىزىپ ياتقۇزۇپ قويغان ئىكەن، بۇ ياردارلار شۇ كېچىسىلا بىر تەرەپ قىلىنغان بۇلۇپ ئۇلار توغرۇلۇق ھازىرغىچە ھىچقانداق ئۇچۇر ئاشكارىلانمىدى يارىدار بولغانلاردىن ئاز بىر قىسىمى ئۆزلىرى ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاپتۇنۇم رايونلۇق 2- دوختۇرخانىگە يېتىپ بارغان بولسىمۇ، دوختۇرخاننىڭ خىتاي باشلىقى ئۇلارنى ھەتتا ئېغىر ياردارلارنىمۇ باشقىلارغا كۆتەرتىپ كوچىغا قوغلاپ چىقارغان. گۇگۇم چۇشكەندىن كىيىن ۋەقە سادىر بولغان مەھەللە ئەتراپىدىكى چىراقلار بىراقلا ئۇچۇرۇلۇلۇپ كۆچىدىكى ئادەملەر ئوققا تۇتۇلغان ، ھەربىلەر قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن بىرمۇ يارىداردوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنمىگەن ياردارلارمۇ ،جەسەتلەر بىلەن شۇ كۈنى كېچىسىلا بىرتەرەپ قىلىنغان. بەزى ياشلارقەبرىستانلىققا قېچىپ بېرىپ كۆلاپ قويۇلغان بوش گۆرلەرگە كىرىۋالغان ئىكەن،(ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن بىلەن قەبرىستانلىق ئىككى كېلومىتىرچە كېلىدۇ) ئۇلارنى گۆرلۇكتىن تارتىپ چىقىرىپلا ئېتىۋىتىپتۇ.شۇ كۈنى كېچىسى قەبرىستانلىقتىكى ئېچىنىشلىق ئاۋازلار، ھەر خىل ماشىنىلارنىڭ ئاۋازلىرى خىلى يەرلەرگىچە ئاڭلانغان.قان تۇكۇلگەن كوچىلار شۇ كېچىسىلا يۇيۇپ تازلانغان. ئەل سۆيگەن ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان ياش ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى مېرزات ئالىم ،شۇ كۈنى كەچتە ئۆيىگە قايتىۋىتىپ(ئۇ كۈنى يەكشەنبە ئىدى) بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ قالغان ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ ئۆز تېلىفونىدا دىگەن ئاخىرىقى سۆزى«مەن كۆرمەسلىككە تېگىشلىك ئىشنى كۆرۇپ قالدىم »دىگەنلىگى ئاشكارلانغان. ئۇنىڭ ماشىنىسىنى قوغلاپ كەلگەنلەر،ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىلا ئولتۇرۋەتكەن. مەرھۇمنىڭ بىر كۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. قەتلىيام بولۇپ بىر نەچچە كۈنلەردىن كېيىن گۈلساي قەبرىستانلىقىغا مېيىت ئۇزۇتۇپ بارغان ئىدۇق.قەبرىستانلىقنىڭ شەرقى جەنۇبى تەرىپىدىكى تاققا تۇتاشقان يانتۇلۇقتا خىلى چوڭ بىر پارچە يەرنىڭ تىكەنلىك سىم بىلەن قاشالىنىپ قويولغانلىقىنى كۆردۇق..ئۇ يەر يېڭى تىندۇرۇلغان بولۇپ،ئويمان-دوڭغۇل، يوغان- يوغان چالمىلارمۇ ئىزىلمىگەن ئىدى.توپىنىڭ ئاستى يۇمشاق بولغاچقا ماشىنا بىلەن چىڭداشقا بولمىغان ئوخشايدۇ. بۇ يەر ،قەبرىستانلىقتىن بىرەر يۈز مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ،تۆت ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن قورشالغان بۇلۇپ، سىم بويلاپ مەلۇم كەڭلىكتە ئاق رەڭلىك بىر نەرسە چېچىلغان ئىدى.قەبرىستانلىق بىلەن ئۇ يەرنىڭ ئارلىقىدا يەنە بىر تىكەنلىك سىم توساق بار ئىكەن، ئادەملەرنىڭ بېرىشى چەكلىنىدىكەن، چۇنكى ئۇ يەرگە " زەھەرلىك بۇيۇملار" كۇمۇلگەن ئىكەن. ئاڭلىشىمىزچە، تۇتۇلغان ياشلارنى تۇرمىگە ئېلىپ كىرگەندە ، ھەربىلەرئۇزۇن ئىككى رەت بولۇپ ئوتتۇرسىدا مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇپ تۇرىدىكەن. مەھبۇسلار ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى شۇ ئارلىقتىن يۇگۇرۇپ ئوتىشى كىرەككەن. بۇ جەرياندا ھەربىلەر قۇللىرىدىكى كالتەك بىلەن ئوتىۋاتقانلارنى دۇمبالايدىكەن. بۇ ئۇزۇن سەپتىن ئۆتۈپ بولغىچە«مەھبۇس»لارنىڭ باش-كۆزى يېرىلىپ،پۇت-قول مۇرىلىرى سۇنۇپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىدىن قالىدىكەن. تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار كۆپ بولغاچقا قەشقەر،خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق يەرلەردىن بەش يۆزدەك ئۇيغۇر ساقچى ۋە سوراقچىلارنى يۆتكەپ كەلگەن بولۇپ ،مەلۇم بولغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا نۇرغۇن «مەھبۇس»لار سوراقخانىگە ئومۇلەپ ئاران كىرگەن ياكى ساقچىلار سۆرەپ ئەكىرگەن.سوراقنىڭ ئالدى- كەينىدە ئولۇپ كەتكەنلەرنى كۆمىۋەتكەن ياكى كۆيدۇرۋەتكەن. ھۆكۇمەت بىرىنچى تۇركۈمدە، 12 نەپەر ئۇيغۇر «جىنايەتچى»نىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ تۇرمىدىن قاچتى، دەپ ئېلان قىلدى.ئارسىدا ئىككى ئايالمۇ بار(ناھايتى ياش ). ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا تۇرمىنىڭ سېرىق جىلىتكىسى بولۇپ،ئۈستى - بېشى شۇنچىلىك پاسكىنا ۋە بىچارە ئىدى.ئۇلارنىڭ ، قاتمۇ- قات مۇھاسىرىگە ئىلىنغان خىتاي تۇرمىسىدىن قېچىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھۆكۈمەت تۇرمىدە ئۆلگەنلەرنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا يوق قىلۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ ،لىكىن ئۇ ئېلان بىلەن كۆزلىگەن مەقسىدىگە يېتەلمىدى. جەمىيەتتە كۈچلۇك غۇلغۇلا قوزغۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئېلان قايتا چىقمىدى. لىكىن ئۇرۇمچىگە كېلىپ باللىرىنىڭ ئېز- دېرىگىنى قىلىدىغان ئاتا –ئانىلاربارغانسىرى كۆپەيدى.ھۆكۈمەت ئۇلارغا «قايتىڭلار، بىز سۇرۇشتە قىلىمىز» دەپ مەجبۇرى قايتۇرىۋەتكەندىن كېيىن،ناھىيە ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنى قاتتىق كونتىرۇل قىلىپ ئۇرۇمچىگە قايتا كىرگۈزمىدى. پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ كۆز يېشى قۇرىمىدى. ھۆكۈمەت يۈزىنى ئورۇپلا «سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار قېچىپ يۈرۋاتىدۇ، بىزمۇ ئىزدەۋاتىمىز. بالىلىرىڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئالغان ھامان دەرھال بىزگە خەۋەر قىلىڭلار ، يۇشۇرساڭلار قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولىسىلەر»دەپ ،بۇ دەۋانى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈزىگە ئارتىپ قويدى ۋە ئۇلارنى نازارەت ئاستىغا ئالدى. «5-ئىيول قەتلىيامى»دىن بىر نەچچە كۈن ئاۋال كورلىدا بىر خەلىقئارالىق مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ ،يىغىننىڭ مەقسىدى- «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى،تېنچ - ئىتتىپاقلىق ۋەزىيىتى» نى خەلىقئاراغا تەشۋىق قىلىش ئىكەن. يىغىنغا 18 دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلەر بولۇپ150 ئەتىراپىدا ئادەم قاتناشقان . يىغىن نەق 5- ئىيول كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ مۇخبىرلارنىڭ بەزىلىرى قەشقەرگە، بەزىلىرى ئۇرۇمچىگە قايتقان.ئۇرۇمچىگە كەلگەن مۇخبىرلارنى «ۋەزىيەت جىددى،سىرتقا چىقماڭلار »دەپ چۈشكەن مېھمانخانىلەردىن سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن.بۇ ئەھۋالدىن گۇمانلانغان چەتئەل مۇخبىرلىرى « ئامانلىق ساقلىغۇچىلار» نىڭ توسىقىنىغا قارىماي بوسۇپ چىقىپ كەتكەن،ھەتتا بەزىلىرى بىرىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىلىرىدىن قاچقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەق مەيداندىن تارتقان ۋېدىئولىرى خەلىقئاراغا تارقىلىپ كەتكەن.(ئۇرۇمچىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن بۇ قەتلىيامدىن ئۇرۇمچىنىڭ شىمالىدىكىلەر خەۋەر تاپقىچە چەتئەلدىكى ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن ئامانلىق سوراپ تېلفۇن كېلىپ بولغان) بۇمۇخبىرلار چىگرادىن ئۆتكەندە ئاپپاراتلىرى قاتتىق تەكشۇرۇلۇپ ۋەقەگە ئائىت رەسىم- ۋېدىئولار يۇيۇۋىتىلگەن. 6-ئىيولدىن باشلاپ ئۇرۇمچىدىكى خىتايلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوزغۇتۇلدى. خىتاي مەركىزى تېلۋىزىيە قاناللىرىدىن تارتىپ ئۆلكىلىك،ناھىيەلىك تېلۋىزيە قاناللىرىغىچە تاياق يەپ بۇرنى قاناپ كەتكەن ئىككى خىتاينىڭ كۆرۇنۇشى قايتا – قايتا كۆرسۇتۇلدى، ختايلارنىڭ تەلۋىلىگىنى قوزغايدىغان تەشۋىقاتلار ئۈزۈلمىدى.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومىنىڭ ئالدىغا نامايىش قىلىپ بارغان خىتايلارنى خىتاي باشلىقلار قۇبۇل قىلىپ ئۇلارغا ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىدى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومىنىڭ باش سىكىرتارى جاللات ۋاڭ لېچۇۋەن ھەتتا : بىر تۇركۇم ئەخلەتلەر بىگۇنا خەنزۇ لارغا زىيانكەشلىك قىلدى ، خەنزۇلار سىلەرگە ئاشۇنداق قىلسا سىلەر قانداق قىلسىلەر دەپ قانۇننى قايرىۋەتتى .نەتىجىدە قوللىرىدا بىر خىل ئۆلچەم بىلەن ياسالغان لوم تۆمۇر،چەيدۇ- پالتا كۆتەرگەن توپ- توپ خىتايلار كوچىلاردا ئۇرۇش –چېقىش،ئۆلتۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرى، ئاشخانىلىرى چېقىلدى.يوللاردا دۇچ كېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئولتۇرۇپ،جەسەتلىرنى سۇ ترۇبا يوللىرىغا،ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلىدى. بۇ ئىشلار ئۇرۇمچىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يۈز بەردى. لېكىن ھۆكۈمەت ئولگەن ئادەملەرنى ئاشكارلىمىدى. ختايلارغا تارقىتىلغان قۇراللارنى ئۇرۇمچىدىكى ئەڭ چوڭ توپ تارقىتىش ئورنى «خۇۋالىڭ بازىرى»تەمىنلىگەن بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئارقىسىدا «شەنشى قىرىنداشلار بىرلەشمىسى»، «ئەنخۇي بىرلەشمىسى» قاتارلىق ئالتە سودىگەرلەر بىرلەشمىسى رول ئوينىغان ئىدى. ئۇرۇمچىدىكى يامالىق تېغىنىڭ ئېتىگىدە شەكىللەنگەن ئىنتايىن نامرات بىر مۇساپىرلار مەھەلىسى بولىدىغان. شۇ مەھەلىگىىمۇ ئۈچيۈزدەك خىتاي ھۇجۇم قىلغان ،ئالدىداماڭغانلىرى ئۆزلىرنى ھەيۋەتلىك كۆرسۇتۇش ئۇچۇن كۆينەكلىرىنى سېلىۋىتىپ يېرىم يالىڭاچ بولۋالغان ھالدا قوللىرىغا قېلىچ – پالتا ئېلىپ بېسىپ كىرگەن. چوڭ بىر قىرغىنچىلىق خەۋىپىنى سەزگەن شۇ يەردىكى ئەرلىرى، بالىلىرى ئولگەن ياكى تۇتۇلۇپ كەتكەن قېرى چۇرىلەردىن ئوتتۈزدەك ئادەم قوللىرىغا پىچاق- كالتەك ئېلىپ خىتايلارنى سۈر توقاي قىلىۋەتكەن. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ مەھەلىدە چوڭ تۇتقۇن بولۇپ،ئۆز ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن قولىغا كالتەك ئالغانلار ھەممىسى يوق قىلىندى. شۇ چاغدىكى ئۇرۇمچى شەھىرىنىڭ سېكىرتارى لى جى دىگەن خىتاي «بۇ ئىشنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى بولدى، بىر مۇنچە قارا نىيەتچىلەرنىڭ ئۇۋىسىنى بايقىۋالدۇق»دىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا « ئۇيغۇرلار خىتايلارغا زەھەرلىك يىڭنە سانچىيدىكەن »دىگەن گەپ چىقتى.بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش دايىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى ۋە قانۇنلاشتۇرۇلدى. خىتاي مۇخبىرلار، شۇ چاغدىكى «ئاپتۇنۇم»رايونلۇق سىياسى- قانۇن كومىتىتىنىڭ مۇدىرى جۇ خەيلىن دىگەن كەلگۈندى جاللاتتىن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلش كېرەكلىگىنى سورىغاندا ئۇ- بۇنداق .ئەھۋالغا يولۇققاندا،خىتايلار ئۆزىنى قوغدىشى لازىملىقىنى، بۇنىڭ يوللۇق قوغدۇنۇش ئىكەنلىگىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇرۇمچى رادىئو سىتانسيسىدە تەشۋىق قىلىنىپ، قىساسخور خىتاي لۇكچەكلىرىگە قانۇنى يول ئېچىلىپ ،ئۈچ ئۇيغۇر ياشنى ئوخشىمىغان يەرلەردە ئوروپ ئولتۇرۋەتتى. (------ ) دىگەن بالا شۇ يىلى (2009)تولۇق ئوتتۇرا ماكتەپنى پۇتتۇرۇپ،«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتى»گە ئۆتۇپتىكەن.ئۇ قولىدا بىر تال قارىياغاچنىڭ ھۆل شېخىنى ئويناپ كېتىۋاتقان يېرىدە «بىزگە يىڭنە سانچىماقچى بولدى »دەپ ئۇرۇپ بۇلۇپ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، نۇرغۇن خىتايلار بۇ بالىغا ئۇلۇم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن، قانۇن ئورۇنلىرى ھەقىقى ئەھۋالنى ئىنىقلاپ تۇرۇپمۇ«جەمىيەتكە ۋەھىمە پەيدا قىلىش جىنايىتى »بىلەن ئېيىپلاپ ئەندىلا 19 ياشقا تولغان ئىستىقباللىق بالىغا 16 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.نەتىجىدە ئۇ بالا تۇرمىدىكى خىتاي جىنايەتچىلىرىنىڭ،خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خورلىشى ۋە خىلمۇ- خىل تەن جازاسى تۈپەيلىدىن بىر يىل بولمايلا ئولۇپ كەتكەن.بالىنىڭ ئانىسى « بالام ئەمدى ئارام تاپتى »دەپ يىغلىغان ئىكەن، يۈز بېرىۋاتقان بۇ زۇلۇملار ئۇيغۇرلاردا ئۇمۇميۈزلۇك نارازىلىقلارنى قوزغىدى.ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ناھەق ئولۇپ كېتىۋاتقىنىغا چىدىمىغان ئاتا –ئانىلاردا «ئەمدى قېرىلار نامايىشقا چىقمىساق بولمىدى...»دىگەن گەپلارنىڭ بولىۋاتقانلىغى تارقالدى. ئەگەر بۇ راس ئەمەلگە ئېشىپ قېرىلارمۇ ھۇجۇمغا ئۇچۇرسا ۋەقە تېخىمۇ چوڭۇياتتى، بۇلىۋاتقان ئىشلاردىن پۇتۇن ئۈرۈمچى ۋەھىمە ئىچىدە قالدى. خىتايلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى ئۇيغۇرلار كەچلەردە تالاغا چىقالمايدىغان ،ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى خىتايلار ،خىتاي كۆپ يەرگە كۈچۈپ كەتكەن ياكى ۋاقتىنچە پانالىنىش ئۇچۇن كەتكەن ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلىشۋاتقانلىقىنى بايقىغان خىتاي ھۆكۇمىتى،ئۇرۇمچىنىڭ پارتىكوم سېكرىتارى لى جى دىگەن خىتاينى «ئاپتۇنۇم »رايونلۇق خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا يۆتكەپ، ئورنىغا " ئاپتۇنۇم رايون "لۇق سىياسى-قانۇن كومىتىتىنىڭ مۇدىرى جۇخەيلۇن كەلگىندى جاللاتنى قوشۇمچە ئۇرۇمچى شەھىرىنىڭ پارتىكۇم سېكرىتارى قىلدى. ئۇنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشى- خىتاي توپۇلاڭچىلىرىنى قوزغاۋاتقان ۋە ماددى جەھەتتىن قوللاۋاتقان خىتاي شېركەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ناھايىتى ئىززەت- ئىكرام بىلەن قوبۇل قىلىپ ، ئۇلاردىن پائاليەتلىرىنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلىش بولدى. نەق مەيداندىن خەۋەر بەرگەن تېلۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا چۈشەندۇرۇشىچە ئۇلارنىڭ (شېركەتلەرنىڭ) ئىقتىسادى زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىش،بۇندىن كېيىنكى سودىلىرىدا ئىتىۋار سىياسەتلەرنى بەلگۇلەش تەلەپلىرىگە قوشۇلغان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى ئاققۈزۈشقا سەرىپ قىلغان پۇللىرىمۇ ھۆكۇمەت ھېساۋاتى ئارقىلىق تولۇقلانغان خىتايلارنىڭ نامايىشلىرى شۇ يىلى 9- ئايلارغىچە داۋاملاشتى. نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئولۇم جازاسى بېرىلدىيۇ،خىتايلاردىن پەقەت بىرسىگىلا ئولۇم جازاسى بېرىلىپ، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئۆزلىرىنىڭ «ئادىل» ئىش قىلۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇشتى. «5- ئىيول ئۇرۇمچى قەتلىيامى»دىن كېيىن خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن زادى خاتىرجەم بولالمىدى.خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكە – شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش دولقۇنى پەيدا بولدى.شۇنىڭ بىلەن «تىئەنمېن ۋەقەسى»،«كۈنمىڭ پويىز سىتانسىسى تېرۇرلۇق ھۇجۇمى»دىگەندەك ۋەقەلەر ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلىپ،خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىنچ تىجارەت بىلەن جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ كەڭ زىيانكەشلىك باشلاندى. ھەتتا بىرتىجارەتچىنى چوڭ كوچىدىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىشمۇ يۇز بەردى .ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېز ھالەتتە يامانلىشۋاتقانلىقى ئۇچۇن،قۇرچاق رەئىس نۇر بەكرى ،ئۇيغۇرلار كۆپىرەك تىجارەت قىلۋاتقان ئىككى شەھەرگە بېرىپ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ئەھۋال سورىغان بولدى،شۇ شەھەردىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن «سۆھبەت يىغىنى »ئاچقان بولدى.خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە «ئۇيغۇرلارغا كۆڭۇل بولدىغانلىقىنى»بىلدۇرگەن بولدى. بۇ نەق مەيدان كۆرۇنۇشلىرى خىتاي تېلۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىلدى . بۇ، تەشۋىقات ئۇچۈنلا ئوينالغان ئويۇن بولۇپ قېلىپ ھېچبىر ئەمىلى ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇيغۇرلار يۇرتلىرغا قايتايلى دىسە يۇرتىدىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىر ئىدى . ئۇ يىللىرى ئۇيغۇرلارنى شەھەرلەردىن كەلگەن يىرىگە مەجبۇرى قوغلاۋاتقان ئىدى، ئۇرۇمچىدىمۇ 2014- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 700 مىڭدىن ئۇشۇق ئۇيغۇرنى قوغلاپ بولغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئىمكانىيىتى بارلارچەتئەلگە چىقىش يولىنى تاللىدى. ئۇيغۇرلىرىمىزدا يەنىلا «ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ كىتەر» دىگەن ئىدىيە بولغاچقا ،چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ئىمكانىيىتى بولغان نۇرغۇن ئادەملەر بۇيولنى تاللىمىدى ۋە ياكى چەتئەلگە چىقىپ بولغانلارمۇ قايتىپ كېتىشتى. خىتايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاپىنى ئاستىدىكى ھالىتىنى كۆرۇپلا ،ئۇيغۇرنى ئىنتايىن زەئىپ مىللىەت دەپ ئويلاپ قالدى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخى مەدىنيەتكە ئىگە،ھاياتى كۈچى ئىنتايىن كۈچلۇك، ئۇرۇقىنى تاش ئۈستىگە تاشلاپ قويسىمۇ كۆكلەپ چىقالايدىغان مىللەت ئىكەنلىگىنى ئويلالمىدى. ئۇيغۇرنىڭ قولىغا قۇرال چۈشسە ئوبدان جەڭ قىلالايدىغانلىقى خىتايلارغا ئايان ئىدى،لىكىن قولىدا قۇرال بولمىسىمۇخىتايغا قەتئى باش ئەگمەيدىغانلىقى، خەلىقئارا سەھنىلەردىمۇ،سىياسى – دېپلوماتىيە كۆرىشىنىمۇ ئوبدان قانات يايدۇرايدىغانلىقىنى ، ئۆزلىرىگىمۇ ئاراملىق بەرمەيدىغانلىقىنى خىتايلارئەمدى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ​ (تۈگىدى.)

Address

Washington D.C., DC

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Uyghur Agéntliqi posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Business

Send a message to Uyghur Agéntliqi:

Share