
07/26/2025
ئامېرىكا فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى چېرىكلىك ھەققىدە بايانات ئىلان قىلدى:
فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسى مۇئاۋىن باشلىقى دان باندىنو بۈگۈن ئىلان قىلغان مەزكۇر بايانات كۈچلۈك تەسر قوزغىغان بولۇپ، تۆۋەندىكىسى تەرجىمىسى:
مەن بۇ يەردە FBI نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىمدە، سىلەرگە قايتا-قايتا ئېيتىپ كەلدىمكى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلار ھەقىقەتەن يۈز بېرىۋاتىدۇ.
دىرېكتور ۋە مەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى چېرىكلىك ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمدە ئېستخبارات ھەرىكەتلىرىنى سىياسىي قورال قىلىپ ئىشلىتىشنى يوقىتىشقا بەل باغلىدۇق.
بۇ بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز. لېكىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك پاكىتقا ئاساسلانغان ۋە زۆرۈر تەكشۈرۈشلىرىمىز جەريانىدا ئۆگەنگەنلىرىم ناھايتى قورقۇنچلۇق بولۇپ، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە ھەيران قالدۇردى. بىز بۇ جۇمھۇرىيەتنى بۇنداق باشقۇرالمايمىز. مەن يېقىندا بىلگەنلىرىمنى ئويلىسام، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇرۇنقى ئۆزەمدەك بولالمايمەن.
بىز بۇ ئادىل ۋە توغرا تەكشۈرۈشلەرنى قائىدە بويىچە ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بارىمىز. بىز مۇۋاپىق جاۋابلارنى تاپىمىز. ھەرقانداق تەكشۈرۈشتە يۈز بىرىدىغاندەك، مەن تەكشۈرىشمىزنىڭ قەيەرگە بېرىپ توختىتىشنى ئالدىن ئېيتالمايمەن، لېكىن سىزگە ھەقىقەتنى ئىزدەشتە سەمىمىي ۋە شەرەپلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ۋەدە بېرەلەيمەن. “مېنىڭ ھەقىقىتىم” ياكى “سىزنىڭ ھەقىقىتىڭىز” ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنىڭ ئۆزى.
ئامېرىكىغا ۋە ئۇنى قوغدايدىغان بارلىق كىشىلەرگە تەڭرى بەخت ئاتا قىلسۇن.
ھۆرمەت بىلەن،
دان